ئەردوغان بىلەن داۋۇتئوغلۇنىڭ يول خەرىتىسى

ئەردوغان بىلەن داۋۇتئوغلۇ يېڭى باسقۇچقا مۇناسىۋەتلىك يول خەرىتىسى ئۈستىدە خىزمەت ئىشلىمەكتە

100713
ئەردوغان بىلەن داۋۇتئوغلۇنىڭ يول خەرىتىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بىلەن داۋۇتئوغلۇ يېڭى باسقۇچقا مۇناسىۋەتلىك يول خەرىتىسى ئۈستىدە خىزمەت ئىشلىمەكتە.
12 - جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغان باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، جۈمە نامىزىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە قىلدى.
جۈمە نامىزىدىن كېيىن باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسىگە بىرلىكتە ئۆتكەن ئەردوغان بىلەن داۋۇتئوغلۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ يېڭى باسقۇچقا مۇناسىۋەتلىك يول خەرىتىسى ئۈستىدە خىزمەت ئىشلىدى. جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ۋەلى جامەسىگە بارغان باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى ۋە باش مىنىستىر نامزاتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنى نامازدىن كېيىن ۋەتەنداشلار قىزغىن قارشى ئالدى. ئەردوغان بىلەن داۋۇتئوغلۇ كېيىنچە باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسىگە ئۆتتى. ئۇدا 5 سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشقا بىر قىسىم مىنىستىرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. ئۇچرىشىشتا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ يېڭى باسقۇچقا مۇناسىۋەتلىك يول خەرىتىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. 12 - جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرىدىغان تۇنجى پىروگراممىسىمۇ ئېنىق بولدى.
ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىس سۈپىتىدە تۇنجى زىيارىتىنى 1 - سېنتەبىر كۈنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە قىلىدۇ، ئارقىدىن 3 - سېنتەبىر كۈنى ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر