تۈركىيە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشىدىن خۇشال
تۈركىيە غەززەدە يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشىدىن تولىمۇ خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە غەززەدە يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشىدىن تولىمۇ خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھازىرقى باسقۇچتا ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزاق مەزگىللىك ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئۇنداق بولمىغاندا ھازىرقىدەك ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش رايوندا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى جەھەتتىن يېتەرلىك بولمايدۇ. تۈركىيە، ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا خەلقئارالىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىزچىل خىزمەت ئىشلىمەكتە. دۆلىتىمىز يەنە، غەززەدە خەلقنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىرىنىڭ قاملىشى يولىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرماقتا.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.