تۈركىيە مىقياسىدا دۇنيادىكى زۇلۇمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ
ياش مەمۇرلار ئۇيۇشمىسى، 14- ئاۋغۇست كۈنى «دۇنيا رابىئە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە مىقياسىدا نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
![تۈركىيە مىقياسىدا دۇنيادىكى زۇلۇمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/10-11/Files/UploadedImages/8698986rabia.jpg?time=1718831609)
ياش مەمۇرلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى ئەييۇب بەيخان ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا رابىئە مۇنبىرىنىڭ مىسىردا رابىئە قەتلىئامىدا يۈز بەرگەن 14- ئاۋغۇست كۈنىنى «دۇنيا رابىئە كۈنى» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە مىقياسىدا ئېزىلگۈچىلەرنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ئەييۇب بەيخان، «مىسىردا دېموكراتىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ بىرىنچى يىلىدا مىسىر خەلقى ۋە ياشلىرى باشتا بولۇپ پەلەستىن، سۇرىيە، شەرقىي تۈركىستان ۋە بارلىق ئېزىلگەن خەلقلەر بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم ياڭرىتىش ئۈچۈن دۆلەت مىقياسىدا مەيدانلاردا بولىمىز» دېدى.
بەيخان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «14- ئاۋغۇست كۈنى ‹دۇنيا رابىئە كۈنى› مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا رابىئە مۇنبىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە ياش مەمۇرلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى 81 ۋىلايەت مەركىزىدە يۈرۈش ۋە ئارقىسىدىن مەتبۇئاتنى ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718831609)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718831609)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.