تۈركىيە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ھاماس بىلەن ئىسىرائىلىيە ئارىسىدا غەززەدە ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشى ۋە قان ئېقىشنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.

76098
تۈركىيە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تىۋىتتېر ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇرۇش توختىتىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ۋە قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەلئاتىييە بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، ھاماسنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى خالىد مەشئەل ۋە ئاتىييە بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇرۇش توختىتىشقا ئالاقىدار ئىنچىكە مەسىلىلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ بۇ نۇقتىدا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن جون كېررىي، ئاتىييە ۋە مەشئەلگە تەشەككۈر ئېيتقان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشى ۋە قان ئېقىشنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان غەززەنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى ۋە بالدۇرراق ۋەزىيەتنى ياخشىلاش، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرى.»
تۈركىيە غەززەدىكى ئىنسانىيەت پاجىئەلىرىنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن مۇھىم دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىسىرائىلىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ھۇجۇمىنى، ھەمدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن تەرەپلەر ئارىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان ئەنقەرە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى دەرھال يىغىنغا چاقىرغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر