تۈركىيە: لىۋىيە خەلقىنىڭ خۇشاللىقى...

تۈركىيە، لىۋىيەنىڭ تىرابلۇس ئايرودورۇمى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

75112
تۈركىيە: لىۋىيە خەلقىنىڭ خۇشاللىقى...

تۈركىيە، لىۋىيەنىڭ تىرابلۇس ئايرودورۇمى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامانلىقنىڭ بالدۇرراق بەرپا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىنقىلابنىڭ باشلىنىشىدىن بۇيان لىۋىيە دۆلىتى ۋە قېرىنداش لىۋىيە خەلقى بىلەن بىر سەپتىن ئورۇن ئالغان تۈركىيەنىڭ، لىۋىيەنىڭ ئامانلىقى، باياشاتلىقى ۋە مۇقىملىقىدىن باشقا ئارزۇ – ئىستىكىنىڭ يوقلۇقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا، «لىۋىيە خەلقىنىڭ خۇشاللىقى خۇشاللىقىمىز، قايغۇسى قايغۇمىز بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ دائىرىدە، تىرابلۇس ئايرودورۇمى ۋە ئەتراپىدا 13- ئىيۇلدىن بويان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان توقۇنۇشلاردىن ئەندىشە ھېس قىلماقتىمىز ۋە ئامانلىقنىڭ بالدۇرراق تەسىس قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلمىز» دېيىلدى.
لىۋىيەدە 25- ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن كېڭەش مەجلىسى سايلاملىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، كېڭەش مەجلىسىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ئەتراپلىق دىيالوگ يولى ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر مۇنبەر بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر