تۈركىيە ئۇرۇش توختىتىش يولىدا پائال خىزمەت ئىشلىمەكتە
ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ 12 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا دىپلوماتىك كۈچلەر تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش توختىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ 12 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا دىپلوماتىك كۈچلەر تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش توختىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.
تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمۇ بۇ جەرياندا پائال خىزمەت ئىشلىمەكتە.
تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.
فىرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلىدىغان مۇزاكىرىلەرگە ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ۋەكىلى قاتناشمايدۇ.
ئىلگىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى تەرىپىدىن، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ كىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 7 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى تەرەپلەر قوبۇل قىلمىغانىدى.
ئىسرائىلىيە، باشقۇرۇلىدىغان سنارەد ھۇجۇملىرىغا خاتىمە بېرىلىشى، غەززەدىكى تۇنېللارنىڭ تاقىۋېتىلىشى ۋە پەلەستىندىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.
غەززەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگونى قوبۇل قىلىشنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېتقان ھاماس بولسا قورال – ياراغلىرىنى تاپشۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.