ئىستانبۇلدا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا ئىسرائىلىيەگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

65846
ئىستانبۇلدا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ھۇجۇملىرى ۋە بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ قەتلى قىلىنىشىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار داۋاملاشماقتا.
ئسىرائىلىيەنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار تۆتىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. تەخمىنەن 1000 ئادەم قاتناشقان نامايىشتا، ئىسرائىلىيەگە قارشى شوئارلار توۋلاندى، غەززە خەلقى ئۈچۈن دۇئالار ئوقۇلدى.
ساقچىلار قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالدى، يولدىن ئۆتىۋاتقانلارمۇ نامايىشچىلارنى قوللاپ شوئار توۋلاشتى. ئىسرائىلىيە كونسۇلخانا بىناسى ئالدىدا ئەر-ئايال، قېرى-ياش بولۇپ نۇرغۇن ئادەم قاتناشقان نامايىشلار كەچ بولغۇچە داۋاملاشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر