تۈركىيەدە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

126708
تۈركىيەدە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن غەيب جىنازا نامىزى قىلىندى.
ئانتاليانىڭ ئالانيا ناھىيەسىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن غەززەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن غەيب جىنازا نامىزى قىلىندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلىكىگە ئافيونقاراھىسارمۇ سۈكۈت قىلمىدى. ئاقساراي ۋە كىلىستە بولسا ۋەتەنداشلار ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
سىۋاستا پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرۈپ جۇمھۇرىيەت مەيدانىغا يىغىلغان نامايىشچىلار، ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، «ھېچقانداق بىر ئېمبارگو يۈرگۈزۈلمەيۋاتقان ئىسرائىلىيە، يەنە دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدىلا قەتلىئام يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېيىلدى.
قەتلىئامغا قارشى قاراماندىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
قەيسەرىدە بولسا پەلەستىنلىك شېھىتلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىندى، بۇ ۋەھشىيلىككە سۈكۈت قىلىنمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.
خاتاينىڭ ئىسكەندەرۈن ناھىيەسىدىمۇ كەڭ خەلق ئاممىسى كوچىلارغا چىقىپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئادىياماننىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈردى.
ئەلازىغدىمۇ جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىززەتپاشا جامەسىنىڭ قورۇسىغا يىغىلغان خەلق ئاممىسى، شوئارلارنى توۋلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
بۇرسانىڭ ئۇلۇ جامەسىدە غەززەدە قەتلىئامغا دەرھال خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.
بۇرسادىكى نامايىشتا پەلەستىنلەر ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فوتۇ - سۈرەتلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر