دۆلەت مۇداپىئە كىڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

دۆلەت مۇداپىئە كىڭىشىنىڭ ئىيۇن ئېيىلىق يىغىنى دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چانكايا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

109404
دۆلەت مۇداپىئە كىڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى


يىغىننىڭ ئاساسلىق ماددىسى ئارىسىدا تېررولۇققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن يولغا قويۇلىۋاتقان ھەل قىلىش ھەرىكىتى ھەمدە ئىراق ۋە سۈرىيە ۋەزىيىتىمۇ بار ئىدى.
دۆلەت مۇداپىئە كىڭىشى يىغىنىنىڭ ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھەل قىلىش ھەرىكىتىدە يېتىپ كېلىنگەن باسقۇچلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دۆلەت مۇداپىئە كىڭىشى يىغىنىدا خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەردە بولغانلارغا قارشى ئېلىنغان ۋە ئېلىنىشى پىلانلانغان تەدبىرلەرنىڭ تەپسىلى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يىغىندا ئىراقتا باش كۆتۈرگەن ۋە ئىراقنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئالغان سەلەبىي ۋەقەلەردىن باشقا يەنە تۈركمەن قېرىنداشلارنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق پۈتۈن نۇقتىلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
بارغانسىرى مەزھەپ تۇقۇنۇشىغا ئايلىنىپ كېتىشكە يۈزلەنگەن زورۋانلىقلارنىڭ رايونغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەمدە ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە سىياسىي بىرلىكىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن ئىراق خەلقىگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يىغىندا ئىراقتا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۈركىيەنىڭ مۇسۇلدا تۇرۇشلۇق كونسول خادىملىرى ۋە تۈرك شوپۇرلارنىڭ ئەھۋالى كۆزدىن كەچۈرۈلدى.
كېڭەشنىڭ يەنە بىر كۈنتەرتىپ ماددىسى سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ۋەقەلەر ئىدى.
يىغىندا سۈرىيەدىكى تۇقۇنۇشلارنىڭ يالغۇز سۈرىيەنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى، ئىراقتىكى ۋەزىيەتكە باغلىنىشلىق بىر شەكىلدە ئانالىز قىلىندى.
تۈركىيە – ئافرىقا ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا، بارباروس تۈرك دېڭىز ئەترىتى گۇرۇپپىسىنىڭ ئافرىقىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە كېڭەشكە دوكلات سۇنۇلدى.
دۆلەت مۇداپىئە كىڭىشى تەرىپىدىن خەلققە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەڭ ئاخىرىدا تۈركىيە – ئافرىقا ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىندى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر