تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ سرىلانكا  باياناتى

سرىلانكىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدا مۇسۇلمانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ھەققىدە ئالاھىدە بايانات ئېلان قىلىندى.

105999
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ سرىلانكا  باياناتى


تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۆز باياناتىدا، يېقىندىن بۇيان سرىلانكانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن ئازاب ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنستىرلىكتىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «سرىلانكا خەلقىنىڭ مۇسۇلمانلارغا تەۋە بىنالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان زورۋانلىقلاردىن قاتتىق ئازاب ھېس قىلماقتىمىز، ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يېقىن – يورۇقلىرىغا سەۋىر – تاقەت، يارىدار بولغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز» دېيىلدى.
باياناتتا يەنە، «سرىلانكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەخمىنەن 30 يىل داۋاملاشقان تېررورلۇققا خاتىمە بېرىپ، قايتىدىن تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتى ياراتقان بىر ۋەزىيەتتە، سرالانكادىكى ئوخشاش بولمىغان دىن ۋە مىللەتلەرنىڭ تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە تۈرمۈش كەچۈرىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېيىلدى ھەمدە سرىلانكا پىرېزىدېنتىنىڭ ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈش، جاۋاپكارلارنى سوتقا تاپشۇرۇش جەھەتتىكى پوزىتسىيەسىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىمۈ بىلدۈرۈلدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر