ئەردوغاننىڭ ياۋروپا زىيارىتى بۈگۈن باشلىنىدۇ

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاۋسترىيە ۋە فىرانسىيەدىكى تۈركلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن بۈگۈن 3 كۈن داۋاملىشىدىغان ياۋروپا زىيارىتىنى باشلايدۇ.

99576
ئەردوغاننىڭ ياۋروپا زىيارىتى بۈگۈن باشلىنىدۇ

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاۋسترىيە ۋە فىرانسىيەدىكى تۈركلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن بۈگۈن 3 كۈن داۋاملىشىدىغان ياۋروپا زىيارىتىنى باشلايدۇ.
ئەردوغان بىرىنچى بولۇپ ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېنناغا بېرىپ، ئالدى بىلەن ياۋروپالىق تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەت جەريانىدا ۋىيېننادىكى تۈركلەرگە خىتاب قىلىدۇ. ئەردوغان زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى فىرانسىيەگە بېرىشتىن ئىلگىرى ئاۋسترىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز بىلەن كۆرۈشۈشنىمۇ پىلانلىماقتا.
ئەردوغان ئەتە پارىژدا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند بىلەن كۆرۈشىدۇ؛ ئېلىزە سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشتا، ئىراق، سۇرىيە، 1915- يىل ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار دەۋالار دېگەندەك ھالقىلىق مەسىلىلەردىن سىرت تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇش مۇساپىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.
باش مىنىستىر ئەردوغان پارىژدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن 21- ئىيۇن شەنبە كۈنى ليونغا بېرىپ، فىرانسىيەدىكى تۈركلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر