تۈركىيە ۋەتەنداشلارنى لىۋىيە توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ۋەتەنداشلارنى لىۋىيەگە ساياھەت قىلماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى

94638
تۈركىيە ۋەتەنداشلارنى لىۋىيە توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ۋەتەنداشلارنى لىۋىيەگە ساياھەت قىلماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بىنغازى ۋە باشقا شەرقتىكى ۋىلايەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، بىنغازى باشكونسۇلخانىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى 14 - ئىيۇندىن ئېتىبارەن توختىدىغانلىقى، پائالىيەتلىرىنى تىرابلۇس باش ئەلچىخانسى قارمىقىدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
مىسۇراتا باشكونسۇلخانىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان باياناتتا، تۈركىيە ۋەتەنداشلىرىنىڭ مەجبۇر بولۇپ قالمىغۇچە بىنغازى ۋە شەرقتىكى ۋىلايەتلەرگە ساياھەتكە بارماسلىقى تەلەپ قىلىندى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ رايونلاردىكى ۋەتەنداشلىرىمىزغا مەجبۇر بولۇپ قالمىغۇچە بەيزا شەھىرىدىكى لابراق ئايرودۇرۇمىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇچۇشلاردىن پايدىلىنىپ، بۇ رايونلاردىن ئايرىلىشى تەۋسىيە قىلىنماقتا.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر