شانلىئۇرفادا جامى ھويلىسىدا ھەربىي ئەسلىھەلەر تېپىلدى
سىۋىرەك ناھىيەسى ئەسمەرچايىر مەھەللىسىدىكى جامىنىڭ ھويلىسىغا تاشلاپ قويۇلغان بىر سومكىنى تېپىۋالغان كىشىلەر ئەھۋالنى دەرھال ساقچىلارغا مەلۇم قىلدى.
93887
![شانلىئۇرفادا جامى ھويلىسىدا ھەربىي ئەسلىھەلەر تېپىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/10-11/Files/UploadedImages/78974749anlurfamhimmat.jpg?time=1718874674)
شانلىئۇرفادا جامى ھويلىسىدا ھەربىي ئەسلىھەلەر تېپىلدى.
سىۋىرەك ناھىيەسى ئەسمەرچايىر مەھەللىسىدىكى جامىنىڭ ھويلىسىغا تاشلاپ قويۇلغان بىر سومكىنى تېپىۋالغان كىشىلەر ئىچىدە ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، سومكىنى ئەخلەت ساندۇقىنىڭ يىنىغا قويۇپ قويۇپ، ئەھۋالنى دەرھال ساقچىلارغا مەلۇم قىلدى.
نەخ مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار سومكىدا 2 دانە مىنامىيۇت ئوقىدىن باشقا يەنە بىر ھەربىي ئەسلىھە بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ئەتراپ بىخەتەرلىك چەمبىرىكى ئىچىگە ئېلىنغاندىن كېيىن ھەربىي ئەسلىھەلەر بىخەتەر بىر شەكىلدە رايوندىن يۆتكەپ كېتىلدى.
ۋەقە ھەققىدە جىددىي تەكشۈرۈش باشلىتىلدى.