تۈركىيە: ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا سۈكۈت قىلمايمىز

ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇسۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىشىدىن كېيىن ئەنقەرە قاتتىق باياناتلارنى بەردى.

91935
تۈركىيە: ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا سۈكۈت قىلمايمىز

ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇسۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىشىدىن كېيىن ئەنقەرە قاتتىق باياناتلارنى بەردى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «بۇ قوبۇل قىلىنغىلى بولمايدىغان ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىمىز، قىلىشقا تېگىشلىك ھەرقانداق ئىشنىڭ قىلىنىدىغانلىقى ھەممە تەرىپىدىن بىلىنىشى كېرەك» دېگەن باياناتى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، «ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مەنسۇپلىرى 11- ئىيۇن ئەتىگەندە مۇسۇلدىكى كونسۇلخانىمىزغا باستۇرۇپ كېرىپ، خادىملىرىمىزنى گۆرۈگە ئېلىپ شەھەرنىڭ باشقا بىر يېرىگە ئېلىپ كەتتى. ۋەقە يۈز بەرگەندە كونسۇلخانىمىزدا باش كونسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 49 خادىمىمىز ۋە بەزى ئائىلە ئەزالىرى بار ئىدى» دېيىلدى.
ئىراق ھۆكۈمىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، گۆرۈگە ئېلىنغان 31 تۈرك شوپۇرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى يولىدىكى خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. باياناتتا يانە، كونسۇلخانا خادىملىرى ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا كىرىزىس ئىشخانىسى تەسىس قىلىندى.
مەزكۇر ئىشخانا بىلەن 2922950-312-90+ نومۇرلۇق تېلېفون نومۇرى ۋە 2877949-312-90+ نومۇرلۇق فاكس ياكى kriz@mfa.gov.tr ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر