ئىيوردانىيە مۇستەقىل بولغانلىقنىڭ 68 – يىلىنى تەبرىكلىمەكتە
ئىيوردانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى «مەستەقىللىق ۋە ئارمىيە بايرىمى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن زىياپەت بەردى.
ئىيوردانىيە مۇستەقىل بولغانلىقنىڭ 68 – يىلىنى تەبرىكلىمەكتە.
ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى «مەستەقىللىق ۋە ئارمىيە بايرىمى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن زىياپەت بەردى.
زىياپەت ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىق مارشىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن باشلاندى. مېھمانلار ئەئەنىۋى مۇزىكىلىق زىياپەتتە گويا ئوتتۇرا شەرق سەيلىسىگە چىققاندەك بولدى.
دۆلىتىمىز مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۇلەنت ئارىنچمۇ زىياپەتكە قاتناشتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
بۇلەنت ئارىنچ، ئىيوردانىيەنىڭ ئۇرۇشتىن قېچىپ كەلگەن سۈرىيە پۇقرالىرىغا قوچاق ئاچقانلىقىغا مەدھيە ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇلەنت ئارىنچ ئىيۇردانىيەنىڭ 2009 – يىلىدىكىگە ئوخشاش تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە 2015 – ۋە 2016 – يىلىغىچە ۋاقىتلىق ئەزا بولىشىنى يەنە قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718908812)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.