تۈركىيە ئارمىيەسى بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىدى

تۈنۈگۈن 3 دانە (ATAK) ناملىق تاكتىك ۋە تەكشۈرگۈچى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارمىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

91507
تۈركىيە ئارمىيەسى بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئارمىيەسى بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىدى.
تۈنۈگۈن 3 دانە (ATAK) ناملىق تاكتىك ۋە تەكشۈرگۈچى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارمىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمىغا دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، پارلامېنت باشلىقى جەمىل چېچەك، باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئارمىيە باش قوماندانى نەجدەت ئۆزەل قاتناشتى.
تېررزرلۇققا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان (ATAK) ناملىق ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلان ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتلەرگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئىشلەپچىقىرىلدى.
(T129-ATAK) ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلان كۈچلەندۈرۈلگەن موتورى بىلەن بىر قېتىم تولدۇرۇلغان يىقۇلغۇدا 519 كېلومېتىر ئۇچالايدۇ.
تىك ئۇچار ئايروپىلانغا 500 توپ ئوقى 16 لازىرلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 8 ئۇزۇن مۇساپىلىق تانكا پاچاقلىغۇچ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورناتقىلى بولىدۇ.
(ATAK) ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلار مىللىي ئالاقىلىش ئۈسكىنىسى ۋە مىللىي خەرىتە سىستېمىسى بىلەنمۇ ئۆزگىچە تېخنىكىغا ئىگە.
ئۇچقۇچىلانىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قالپاقلىرىغىمۇ قوماندا تۈگمىسى ئورنىتىلدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر