بۇلەنت ئارىنچ: «تۈركىيە قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قەتئىي يول قويمايدۇ» دېدى

دۆلىتىمىز مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۇلەنت ئارىنچ ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنىڭ ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىشى ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ پەۋقۇلئاددە ئازابلىنارلىق ۋەقە بولدى. بۇ قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا تۈركىيە قەتئىي يول قويمايدۇ» دېدى.

91500
بۇلەنت ئارىنچ: «تۈركىيە قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قەتئىي يول قويمايدۇ» دېدى

بۇلەنت ئارىنچ: «تۈركىيە قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قەتئىي يول قويمايدۇ» دېدى.
دۆلىتىمىز مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۇلەنت ئارىنچ ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنىڭ ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىشى ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ پەۋقۇلئاددە ئازابلىنارلىق ۋەقە بولدى. بۇ قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا تۈركىيە قەتئىي يول قويمايدۇ» دېدى.
مۇسۇل ۋە تۇزھۇرماتۇدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تەقىپ قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بۇلەنت ئارىنچ، سۈرىيەدە 4 – يىلىغا قەدەم قويغان كىرىزىستا ئەسەدنىڭ ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈنلا بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ سۈرىيەگە كىرىشىگە كۆز يۈمغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇلەنت ئارىنچ بۇ تەشكىلاتلاردىن بىرسى ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تېررولۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ۋە ھازىر ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنىڭ كونتىرەوللۇقىنى تارتىۋېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، رايوننىڭ ئالقائىدىگە چېتىشلىق بىر تەشكىلاتنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتىشىگە ياكى قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا تۈركىيەنىڭ قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇلەنت ئارىنچ گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۈركىيەلىك شوپىرلارنىڭمۇ پات يېقىندا قويۇپ بېرلىشىنى ئۈمىت قىلدىغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر