تۈركىيە لىۋىيە ۋە نىگېرىيەگە ساياھەت قىلىدىغان تۈركىيە پۇقرالىر
تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى لىۋىيە ۋە نىگېرىيەگە ساياھەت قىلىدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى لىۋىيە ۋە نىگېرىيەگە ساياھەت قىلىدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى.
مىنىستىرلىك، مەجبۇر بولۇپ قالمىغۇچە لىۋىيە بىلەن نىگېرىيەدە ساياھەت قىلىشتىن ساقلىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، لىۋىيەدە بىنغازى ۋە تىرابلۇس مەركەزلىك توقۇنۇشلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ لىۋىيەگە بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىشى، قانداقلا بولمىسۇن كېتىدىغانلار پۇختا تەدبىر ئېلىشى ۋە ئېھتىياتچان بولۇشى لازىم.»
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، نىگېرىيەگە ساياھەت قىلىدىغان ۋەتەنداشلارنىمۇ ئاگاھلاندۇردى.
ئاگاھلاندۇرۇشتا، نىگېرىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە گۆرۈگە ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، شۇڭا بۇ دۆلەتكە بارماسلىق تەۋسىيە قىلىندى ھەمدە نىگېرىيەدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ ھۇشيار بولۇشى تەكىتلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718863494)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718863494)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.