ئەنقەرە كۈنتەرتىپىدە ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا بولۇش باسقۇچى بار

64991
ئەنقەرە كۈنتەرتىپىدە ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا بولۇش باسقۇچى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 

ئەنقەرەنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا بولۇش باسقۇچى بار ئىدى.

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش يولىدا تاشىلغان قەدەملىرى، ئىسلاھاتنى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن باھالاپ چىقىلماقتا.

ئىسلاھاتنى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ 29 – نۆۋەتلىك يىغىنى دۆلىتىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يىغىنغا دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزتاغ ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئەلامۇ قاتنىشىدۇ.

ئەزالىق مۇزاكىرە باسقۇچى نۇقتىلىق تېما قىلىنىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىندا تۈركىيەنىڭ بالدۇرراق ئېچىلىشنى تەلەپ قىلغان تەپتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار ئەدلىيە، ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىك سۆھبەت ساھەلىرىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن تاشلانغان قەدەملەر كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.

سىياسىي ئىسلاھات باسقۇچىنىڭ داۋامىنى ۋە ئىسلاھاتلارنىڭ ئۈنۈملۈك بىر شەكىلدە ئىجرا قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە 2003 – يىلى قۇرۇلغان ئىسلاھاتنى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى، ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنىنى 2013 – يىلى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر