17.04.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2128851
17.04.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (16-ئاپرېل) ئېچىلغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئىراق زىيارىتى ئۈستىدە توختالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئىراق زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ: «زىيارەتتە نۇرغۇن كېلىشىملەر ئىمزالىنىدۇ. تۈركىيە-ئىراق مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ ۋە ئەربىلنى زىيارەت قىلىشىم مۇمكىن» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاجىرنىڭ تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى يەرلىك ۋە مىللىي ئىمەجە (İMECE) كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئوربېتاغا قويۇپ بېرىلگەن بىر يىلدىن بۇيان مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تۈركىيە-ئەزەربەيجان بىرلىكتە قۇرۇشنى پىلان قىلغان «تۈركىيە-ئەزەربەيجان ئۇنىۋېرستېتى» نى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ئەدىرنەنىڭ كەشان ناھىيەسىگە جايلاشقان بايكار ئايروپىلان تەربىيەلەش ۋە سىناق مەركىزىدە «2-كەمانكەش كىچىك ئەقىللىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى» نى سىناق قىلىش ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ساباھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر