29.04.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2133178
29.04.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ساباھ› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ پەلەستىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد مۇستافا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، غەززە ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە ئىشلىرى مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ھەسەن ئەسسۇۋەيدى بىلەن ئىستانبۇلدا كۆرۈشكەندە قىلغان مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى:

«ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى،  ئىراق ۋە قاتارلىق مەنسەپداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە تۆت تەرەپلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزىمىز، تەرەققىيات يولى لايىھەسىدە داۋاملىق ھەمكارلىشىمىز.»

«‹سىتار› گېزىتى»، «مېكسىكالىق مىنىستىر: <تۈركىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى چېگرالاردىن ھالقىپ دۆلىتىمىزگىچە يېتىپ كەلدى> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

مېكسىكا ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مىگۇئېل توررۇكو ماركۇئېس، تۈركىيەنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مېكسىكالىقلارنىڭ تۈركىيەگە زىيارەتكە بېرىشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە رەھبەرلىرى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنولارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتلارنىڭ سايىسىدا زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر چېگرالاردىن ھالقىپ مېكسىكاغىچە يېتىپ كەلدى.بۇ تۈركىيەنىڭ دوستلۇقى ۋە خۇش پېئىللىقنىڭ نامايەندىسى، ئەلۋەتتە.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتارنىڭ LNG كېلىشىمى ئۈچۈن ئامېرىكا ئېنېرگىيە شىركىتى Exxon Mobil بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، سېربىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا بوكىس لەۋھە تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، تۈركىيە ماھىرى سەمەت گۇمۇشنىڭ ئەرلەر 51 كىلوگراملىقلار بويىچە ۋېنگىرىيە ماھىرى ئاتىلا بېرنارتنى يېڭىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر