30.04.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2133622
30.04.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ساباھ› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا قىلغان مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى:

«نوپۇسىنىڭ % 71 تى يەر تەۋرەش خەۋپى يۇقىرى جايلاردا ياشايدىغان تۈركىيەگە نىسبەتەن شەھەرلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى خىزمىتى تاللاش ئەمەس، ئەكسىچە ئېھتىياجتۇر، مەجبۇرىيەتتۇر.»

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرۇق رايونىدا يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 15 تېررورچىنىڭ  بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتارنىڭ، ساكاريا تەبىئىي گاز ساھەسىدە ھەر كۈنى 4 مىليون 500 مىڭ كۇب مېتىر گاز ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ 1 مىليون 800 مىڭ ئائىلىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقىنى يازدى.

«‹سىتار› گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەكنىڭ، ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى گۇرۇھىنىڭ 2024- 2026-يىللىق ئىستراتېگىيەسى دائىرىسىدە تۈركىيەدىكى لايىھەلەرنى 6 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

 «بىز نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان ئىقتىسادىي پىروگرامما سايىسىدا چەت ئەل پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 21 – مايدىن باشلاپ ئافغانىستانغا ھاۋا قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

2021 – يىلى ئافغانىستانغا ھاۋا قاتنىشىنى توختاتقان  تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۇ دۆلەتكە 21 – مايدىن باشلاپ ئايروپىلان سەپەرلىرىنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلان سەپەرلىرى ئىستانبۇل-كابۇل ئارىلىقىدا سەيشەنبە، چارشەنبە، جۈمە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ھەپتىدە تۆت قېتىم يولغا قويۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر