01.04.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2123049
01.04.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈنۈگۈن (31-مارت) ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلام نەتىجىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بىرەسمىي نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ %35.4 ئاۋازغا، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ %37.7 ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، سايلام نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ئەكرەم ئىمامئوغلۇنىڭ ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى، مەنسۇر ياۋاشنىڭ ئەنقەرە شەھەر باشلىقى ۋە جەمىل تۇگاينىڭ ئىزمىر شەھەر باشلىقى بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلام نەتىجىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ سايلامدا دېموكراتىيە غەلىبە قىلدى، مىللىي ئىرادە غەلىبە قىلدى» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ئەردوغان-رەئىسى تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ۋە رايوندىكى ئىنسانىي ۋەزىيەت مۇھاكىمە قىلىنغان.

«ستار گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فايسال بىن فەرخان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، پاراخوت ساياھەتچىلىكىدە يانۋار ۋە فېۋرال (2024) ئايلىرىدا 23 پاراخوتنىڭ تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەدىكى سەككىز پورتقا لەڭگەر تاشلىغان پاراخوتلاردا، 23 مىڭ 47 ساياھەتچىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #ستار , #ساباھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر