21.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2118355
21.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىسپاردا، «ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي پىروگراممىنىڭ نەتىجىلىرىنى يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ كۆرۈشنى باشلايمىز. ئومۇمىي ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ناھايىتى ياخشى. پۇل پاخاللىقى تۆۋەنلىگەنسېرى ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن داۋاملىق ئىستراتېگىيەلىك نىشان ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنىڭ بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاقمايدىغان سىياسىي كۈنتەرتىپىگە تاشلاپ قويۇشقا بولمايدىغان مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋانىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن تاشلىغان قەدەملىرى سەۋەبىدىن مىننەتدار ئىكلەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرىدىن ئاردا گۈلەر بىلەن كەنان يىلدىزنىڭ مەقسەت (GOAL) تورى ئېلان قىلغان دۇنيدىكى ئەڭ ياخشى 50 ياش تىزىملىكىدە، ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رېئال مادرىد كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئاردا گۈلەر بەشىنچى، خۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى كەنان يىلدىزنىڭ سەككىزىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #ستار , #ساباھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر