18.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2116703
18.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ غەززەدە ئەسىرىمىزدىكى ئەڭ ۋەھشىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنىڭ بىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خەلقئارالىق ئورگانلار غەززەدە يەنە بىر قېتىم سىناقتىن ئۆتەلمىدى. بۇ جەرياندا ئىسلام دۇنياسىمۇ سىناقتىن ياخشى ئۆتەلمىدى، بۇنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرنىڭ، «بۇرۇن قىلىنغان چەكلىك نىشانغا ئىگە ۋە قىسقا مۇددەتلىك ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئورنىغا، كۈنمىزدە تېررورلۇقنى ئۇۋىسىدا يوقىتىش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئىزچىل ۋە كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربىلەرنى بېرىۋاتىمىز. خاتىرجەملىكىمىز ۋە بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز. بۇنىڭدىن ھېچكىم گۇمانلانمىسۇن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي  بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراكتارنىڭ، تۈركىيەنىڭ دۇنيادا ئەڭ تەرەققىي قىلغان دېڭىز بۇرغىلاش پاراخوتلىرىغا ئىگە 10 دۆلەتنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە،  ئالپئارسلان بايراكتارنىڭ، «2024-يىلنى كەشىپ يىلى دەپ ئېلان قىلىمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ئانتاليادا دەم ئېلىش ئۈچۈن ئاپرېل (2024) دىن كېيىنگە ئالدىن تىزىملاتقان گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 1.5 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلەر سانىنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم 4 مىليوندىن ئېشىپ، رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنى ئارقىدا قالدۇرىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر