07.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2112183
07.03.2024

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مالاتيا يىغىلىشىدا ئاممىغا خىتاب قىلىپ، «تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيەسى، ئىقتىسادى، ھەربىي كۈچى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇچە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى

«ساباھ گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ئېنىق ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە، ئەردوغاننىڭ ئىراقتىكى ھەرىكەتلەرنىڭ نىشانىغا ماس ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئېمپىريالىستلارنىڭ ياللانمىسى بۇ ساتقۇن قاتىللار گۇرۇھىىنىڭ يىلتىزىنى يا بالدۇر يا كېيىن، ھامان ۋە چوقۇم قۇرۇتۇپ تاشلايمىز» دېگەنلىك بىلدۈرۈلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئىراقتا تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى يوقۇتۇش ئىستىراتىگىيەسىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى ئىراقتا يوقۇتۇش ئۈچۈن ھەربىي بازىلارنى قۇرۇپ، بىخەتەر رايون بەرپا قىلىنىدىغانلىقى، تېرورچىلارنىڭ تاغلىق رايوندىن تۈزلەڭلىككە ھەيدىلىدىغانلىقى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئاكتىپ بولغان رايونلارنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقى، پ ك ك ئۇۋا قۇرغان قاندىل، سۇلايمانىيە، مەھمۇر ۋە سىنجار رايونلىرىدا ئىراق ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرنىڭ كۈن تەرتىپتە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

«ستار گېزىتى»، «تۈركىيەدىن ئىسرائىلىيەگە ئىنكاس» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن غەربىي قىرغاقتا 3500 ئۆي سېلىش تەستىقلانغان بۇ پىلان پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىش كېرەك» دېيىلگەنلىكىنى يازدى.

«ھۆرىيەت گېزىتى»، «ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تۈركىيە ئانالىزى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي قوراللىرى دۇنيا بازىرىدا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئامېرىكانى مەركەز قىلغان ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشى تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق قەدەملىرىنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر