05.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2111208
05.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كابېنت يىغىنىدىن كېيىن، مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە چېگراسىنىڭ بېشىدا «تېررورىستان» قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، «ئىراق تەرەپتىكى چېگرالىرىمىزنى بىخەتەرلىككە ئىگە قىلىدىغان چەمبەرنى تاماملاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. بۇ  ياز (2024) ئىراق تەرەپتىكى چېگرالىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان بولىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىي داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ياشار گۈلەرنىڭ، «تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئۈچۈن كۆزىمىز كۆرمىگەن، پۇتىمىز دەسسىمىگەن جاي قالمايدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

 «ستار گېزىتى»، بايكار شىركىتى باش مۇدىرى خالۇق بايراكتارنىڭ «TB2» ئۇچقۇلىرىنىڭ ئالبانىيە ئارمىيەسىگە سەپلەپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۇنىڭ بىلەن، ئالبانىيە ئارمىيەسىنىڭ تەركىبىگە تۇنجى قېتىم ناتو ئۆلچىمىدە بىر ھاۋا ئاپپاراتى قېتىلغان بولدى» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، بۇ يىل (2024) يازلىق دەم ئېلىش ئۈچۈن گېرمانىيەلىكلەر ئەڭ كۆپ ئالدىن تىزىملاتقان 10 دۆلەت ئارىسىدا، تۈركىيەنىڭ ئىسپانىيەنى ئارقىدا قالدۇرۇپ بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ: #ساباھ , #ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر