28.02.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2108499
28.02.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يېقىنقى 21 يىلدا ئەمەلگە ئاشۇرغان دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات ئىلگىرىلەشلىرىنى تۈركىيە ئەسىرىنىڭ ئاستىقۇرۇلمىسى سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىنى يېقىنقى 21 يىلدا ئۈچ ھەسسە ئاشۇرغانلىقلىرىنى، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ۋە سودىنى دۇنيا رىقابىتىگە تەييار قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاچىرنىڭ، تۈركىيەنىڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە سودا مۇھىتى، جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرى، مۇقىم پۇل-مۇئامىلە ئۇل-ئەسلىھەلىرى ۋە ماكرو ئىقتىساد تەڭپۇڭلۇقى بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىق، شۇنداقلا ئىشەنچلىك جاي ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، سومالى ئۇچۇر-ئالاقە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى داۋۇت ئاۋېيىس ژامانىڭ، سومالى-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان مۇداپىئە ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىنى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى كۈتكەنلىكلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مىنىستىر ژامانىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنى «تارىخىي كېلىشىم» دەپ ئاتىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر