27.02.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2107934
27.02.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (26-فېۋرال) رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، پۇتىننىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنلىكى ۋە رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دوستانە ئاساستا ئىلگىرىلىشىگە قوشقان تۆھپىسى سەۋەبىدىن رەھمەت ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ تۈنۈگۈن ئېچىلغان ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى ئىشغالى توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت يىلدىزنىڭ، «ئىسىرائىلىيە كىشىلىك ھوقۇققا ۋە خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەر تۈپەيلىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى پېسكوۋنىڭ پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ 15-17-مارت كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن، تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدىكى تەرەققىياتلارنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ھەربىي پاراخوتلىرى ئارىسىدا پەرقنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر