26.02.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2107366
26.02.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە داستان يېزىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «ئۆتكەن يىلى ئۇرۇش پاراخوتى <TCG> ئانادولۇنى خىزمەتكە سۇندۇق. ھەر خىل ئۇچقۇ ۋە قوراللىق ئۇچقۇلاردا دۇنيادا ئالدىنقى ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندۇق. مىللىي كۈرەشچى ئايروپىلانىمىز <كائان> تۇنجى سىناق ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ، تېلېگرامما ئەۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ، «سىز ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ ھەقىقىي دوستى. ئەزەربەيجاننىڭ توغرا دەۋاسىدا ھەر دائىم نامايان قىلغان قەتئىي ئىرادىڭىز، مەيدانىڭىز ۋە كەسكىن قوللىشىڭىزنى، خەلقىمىز مىننەت بىلەن ياد ئەتمەكتە» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئىسىرائىلىيەلىك ئانتروپولوگ جېف خالپېرنىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى ئوسمانلى تۈزۈمىنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، جېف خالپېرنىڭ، «ھەم پەلەستىنلىكلەر ھەمدە ماڭا ئوخشاش ئىسىرائىلىيەلىكلەر ئوسمانلى دۆلىتىدەك بىز تۈزۈمنى ئارزۇ قىلىمىز. كىشىلەر ئۇ دەۋردە ھەممە يەرگە بارالايتتى، ئەركىن ئىدى. ئوتتۇرا شەرقتە بۇ ئەھۋال ئارىدىن 100 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ يەنە بىر قېتىم كۆرۈلۈشى مۇمكىن» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر