17.09.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1492179
17.09.2020

خابەر تۈرك گېزىتى، «ئەردوغان شەرقىي ئاق دېڭىز ھەققىدە ياۋروپاغا سىگنال بېرىپ،  <ئادىل ۋە مەيدانى ئېنىق بولۇڭلار> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق يىغىندا، شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىگە قارىتا ئىجابىي ۋە ھەققەنىيەتنى ئاساس قىلغان پوزىتسىيەلا بولىدىكەن، چۈشىنىشمەسلىكلەرنى سۆھبەت ۋە مۇرەسسە ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە ئادىل ۋە مەيدانى ئېنىق پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ ھەق - ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئاخىرىغىچە قەتئىي ۋە ئاكتىپ سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «ئورۇچ رەئىسنىڭ يېڭى يۆنىلىشى مېيسنىڭ جەنۇبى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

يېقىنقى بىر  ئاي ئىچىدە ئۈچ قېتىم «Navtex» (دېڭىز ساھەسى جىددىي ھالەت سىگنالى) ئېلان قىلىش ئارقىلىق، تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىن شىمالغا قاراپ ئەلگىرىلەۋاتقان ئورۇچ رەئىس بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ ئاسراش ۋە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن يېڭى يۆنىلىشى مېيس (كاستېلورىزو) ئارىلىنىڭ جەنۇبى بولىدۇ. ئورۇچ رەئىسنىڭ بۇ رايوندىكى تەتقىقاتلىرى 2 ئايدا تاماملىنىدۇ. يېڭى «Navtex» (دېڭىز ساھەسى جىددىي ھالەت سىگنالى) ئېلانىنىڭ كوئوردېناتىنىڭ مېيس ۋە رودېس ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئاخىرىدىن باشلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

سىتار گېزىتى، «شىمالىي ماكېدونىيە گىرېتسىيەنى تۈركىيەگە بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىق قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

شىمالىي ماكېدونىيە باش مىنىستىرى زوران زايېف گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنى شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىىسدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىرىق قىلىدى. زوران زايېف رايوندىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «ئەقىللىق بولايلى. بۇ جىددىيلىكنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى تۈركىيە سىلەرنىڭ قوشناڭلار ۋە بىزنىڭمۇ ياخشى دوستىمىز» دېدى.

ساباھ گېزىتى، «دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان تۈركۈملۈك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان«İHA» ئۈچۈن ھەممىنىڭ كۆزى تۈركىيەدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىسلىك مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى (SSB) تەرىپىدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۆرسىتىش تۈرى دائىرىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى تاماملاندى. نۇرغۇن شىركەتلەر ئۇچۇش سىنىقىغا قاتنىشىپ، ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. جۇمھۇر رەئىسلىك مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى (SSB) باشلىقى ئىسمائىل دېمىر تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ساھەسىدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، مىللىي ۋە يەرلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئۆز تۈرى بويىچە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى سىستېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «رۇسلار توپ - توپ بولۇپ ئانتالياغا كەلمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

كوۋىد-19 يۇقۇمىدا نورماللىشىش مۇساپىسىگە قەدەم قويۇشقا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئانتالياغا كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئېشىشقا باشلىدى. ئانتاليادا ئاۋغۇستتا 225 مىڭ بولغان رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى سىنتەبىرنىڭ ئالدىنقى 15 كۈنىدىلا ئوخشاش سانغا ئۆرلىدى. يازلىق تەتىل پەسلىنىڭ نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر