06.08.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1468124
06.08.2020

ھۆررىيەت گېزىتى، «تۈركىيە بېيرۇت پاجىئەسى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى » سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا يۈز بەرگەن پارتلاش سەۋەبىدىن تىببىي ئەسلىھە، ئۈسكۈنە ۋە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى ياردىمىدە بولدى. سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئاپەت ۋە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش  ئىدارىسى (AFAD) ۋە قىزىل ئاي جەمئىيىتى تەييارلىغان ماتېرىياللار يۈك ئايروپىلانى بىلەن بېيرۇتقا ئەۋەتىلدى. ئايروپىلان داۋالاش ياردىمى ئەشيالىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرى ۋە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى ئېلىپ بېيرۇتقا يېتىپ باردى.

ۋەتەن گېزىتى، «مىنىستىر ۋارانك: <قانال ئىستانبۇل؛ ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسىدۇر> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئورتاقلاشتى:

سانائەت ۋە تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرى ۋارانك تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ھەممىمىزنىڭ يۈرەكلىرىنى پۇچىلىغان پارتىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 2750 توننا ئاممونىي نىترات 6 يىل ئىلگىرى بېيرۇتقا بېرىش ئۈچۈن ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتكەن ئىدى. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز قەتئىيلىك بىلەن چىڭ تۇتىۋاتقان قانال ئىستابۇل لاھىيەسى ئادەتتىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى تۈركىيەگە نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسىدۇر» دېدى.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «شەنتوپ فىرانسىيە ۋە ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە بۈيۈك دۆلەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستاپا شەنتوپ فرانسىيەنىڭ دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن، ئادالەت، ھەق ۋە ناھەقچىلىقتىن سۆز قىلالايدىغان ئەڭ ئاخىرىقى دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇستاپا شەنتوپ: «يېقىنقى ئىككى ئەسىردىكى تارىخى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، فىرانسىيەنىڭ يۈزىدىكى قارا ۋە پېشانىسىدىكى داغنى ئۆچۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى. ئامېرىكا نېفىت شىركىتى بىلەن بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى YPG / PKK ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «سۈرىيەدىكى بارلىق دۆلەت بايلىقلىرى سۈرىيە خەلقىگە ئائىتتۇر» دېدى.

سىتار گېزىتى، «تۈركىيە ۋېنېزۇئېلاغا سەھىيە ساھەسىدە ياردەم قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ۋېنېزۇئېلا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا سەھىيە ساھەسىدە تۈزۈلگەن ياردەم كېلىشىمى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى. ئەنقەرەدە 11-ئىيۇن ئىمزالانغان «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ۋېنېزۇئېلا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا سەھىيە ساھەسىدە ياردەم بېرىش كېلىشىمى» دائىرىسىدە، تۈركىيە ۋېنېزۇئېلاغا 25 ۋېنتىلاتور، 100 مىڭ ئوپېراتسىيە ماسكىسى، 50 مىڭ N95 ماسكا، 35 مىڭ قوغدىغۇچى خالات، 200 مىڭ پەلەي ۋە 40 مىڭ PCR سىناق زاپچاسلىرى ئىئانە قىلدى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «تۈركىيە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق ئىسسىق سۇ ئىشلەچىقىرىشتا دۇنيا بويىچە  ئۈچىنچى ئورۇندا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيەدە قۇياش ئېنېرگىيىسى باتارېيەسى ئارقىلىق توك ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇملىشىش بىلەن بىرگە يىغىپ ساقلىغۇچىلار بىلەن ئىسسىق سۇ ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. خىتاي ۋە ئامېرىكادىن قالسا، ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەشتە قۇياشتىن ئەڭ كۆپ پايدا ئالغان دۆلەت تۈركىيە بولدى. يىللىق 200 مىليون دوللارلىق ئېنېرگىيە تېجەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «ئاق دېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزى رايونلىرىدا گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى مۆلچەرلەنمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

گېرمانىيە، تۈركىيەنىڭ ئاق دېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزى قىرغىقىدىكى ئايدىن، ئانتاليا، ئىزمىر ۋە مۇغلا رايونلىرىغا قاراتقان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇ ئىش مېھمانخانىلارنى خۇشال قىلىدۇ. كەسپىي مېھمانخانا باشقۇرغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلكاي ئاتماجا بۇ قاراردىن كېيىن گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپىيىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر