ھاككارىدا پ ك ك قوراللىرى قولغا چۈشۈرۈلدى

ھاككارىدا ئېلىپ بېرىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەيانىدا پارتلاتقۇچ، تانكىغا قارشى گىراناتامىيۇت ۋە بىكسى تىپلىق ئاپتومات قولغا چۈشۈرۈلدى.

1456802
ھاككارىدا پ ك ك قوراللىرى قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارى ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندىلىقى خادىملىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك نىڭ پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە، تۈنۈگۈن دەرەجىك ناھىيەسىگە قاراشلىق گەلىشەن يېزىسى تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە پارتلاتقۇچ، تانكىغا قارشى گىراناتامىيۇت ۋە 58 بىكسى تىپلىق ئاپتومات ۋە ئۇنىڭ ئوقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار قوراللارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر