ئەرمېنىيە قاراباغدىكى ئىغۋاگەرچىلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ قاراباغدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2038491
ئەرمېنىيە قاراباغدىكى ئىغۋاگەرچىلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 13.55 دە رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەزەربەيجان زېمىنىدا، قانۇنسىز تۇرىۋاتقان ئەرمېنىيە قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئاغدام ۋىلايىتى يۆنىلىشىدىكى ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بازىلىرىنىڭ ئۇدۇلىغا مىنا كۆمۈشكە ئۇرۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملار ئالغان تەدبىرلەر نەتىجىسىدە بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 15.10 دە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ شۇشا شەھىرى يۆنىلىشىدىكى بازىلىرىنىڭ قانۇنسىز ئەرمېنىيەلىك قوراللىق گۇرۇپپا ئەزالىرى تەرىپىدىن قانچىلىغان قېتىم ئوققا تۇتۇلغانلىقى ۋە بۇنىڭدا جاۋابەن ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىنىڭمۇ بەلگىلەنگەن يۆنىلىشتە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر