ئۆزبېكىستاننىڭ كىرېدىت كېلىشىملىرى

ئۆزبېكىستان بۇ يىل خەلقئارالىق پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرى بىلەن 1.5 مىليارد دوللارلىق كىرېدىت كېلىشىملىرى ئىمزالىدى.

1011924
ئۆزبېكىستاننىڭ كىرېدىت كېلىشىملىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەتلىك سېلىنما ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى شۇھراب خالمۇرادوۋ تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا قىلغان سۆزىدە، يېقىندىن بۇيان ئۆزبېكىستاندا چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە كارخانىچىلارغا ھەر جەھەتتىن تۈرلۈك پۇرسەتلەرنىڭ يارىتىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە دۆلىتىدىكى مەبلەغ سېلىش ۋە تىجارەت شارائىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى، بۇنىڭ سايىسىدا دۆلەتكە مەبلەغ سېلىۋاتقان چەت ئەللىك كارخانىچىلار سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن ئىيۇنغىچە چەت ئەل سەرمايىسى بىلەن 960 شىركەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن خالمۇرادوۋ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئۆزبېكىستان بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خەلقئارالىق پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرى بىلەن تەخمىنەن 1.5 مىليارد دوللارلىق كىرېدىت كېلىشىملىرى ئىمزالىدى. ئۆزبېكىستانغا مەبلەب سېلىۋاتقانلار ئىچىدە رۇسىيە، تۈركىيە، خىتاي، قازاقىستان ۋە جەنۇبىي كورېيە كارخانىچىلىرى ناھايىتى ئاكتىپ بولۇپ، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن سودا – سانائەتچىلەر بىلەنمۇ سېلىنما مەسىلىسىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.»

16



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر