تۈركىيە ئەرمېنىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە - ئالدىنقى سېپىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر تۈپەيلى ئەرمېنىيەنى ئەيىبلىدى.

680396
تۈركىيە ئەرمېنىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرمېنىيە تەرەپنىڭ 24 – فېۋرالنى 25 – فېۋرالغا باغلىغان كېچە ئەزەربەيجانغا ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق، شېھىت بولغان ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىگە رەھمەت تىلىدى ۋە پۈتكۈل ئەزەربەيجان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

يازما باياناتتا، ئەرمېنىيەنىڭ چارەك ئەسىردىن بۇيان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆرۈلگەن شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ قايتىلانماسلىقى ئۈچۈن ئەرمېنىيەنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشقا ۋە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا ئادىل ۋە ئۈزۈل – كېسىل چارە تېپىپ چىقىش مۇساپىسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەمەدياروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر