پۇتبولنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىجاد قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا پۇتبولنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىجاد قىلغانلىقىغا دائىر يېتەرلىك مەلۇماتلارنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

681110
پۇتبولنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىجاد قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «دىۋانۇل لۇغاتىت تۈركتىن كۈنىمىزگە قەدەر» تېمىلىق لېكسىيە يىغىنىغا ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور زەمىرە غۇلجالىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

مەھمۇد كاشغەرى تەرىپىدىن 11 – ئەسىردە يېزىلغان تۈرك تىلىنىڭ ئەرەبچە لۇغىتى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئەسەنلەر شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان لېكسىيە يىغىنىدا ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلدى.

ئىستانبۇل ئەسەنلەر شەھەرلىك ھۆكۈمىتى كۈلتۈر ئىشلىرى مۇدىرلىقى تەرىپىدىن چاقىرىلغان ۋە تۈرك تىلى تەتقىقات ئورگىنى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور مۇستافا سىنان كاچالنىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلانغان «دىۋانۇل لۇغاتىت تۈركتىن كۈنىمىزگە قەدەر» تېمىلىق لىكسىيە يىغىنى يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ھۇمايۇن ئۇتاغى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

پىروفېسسور دوكتور مۇستافا سىنان كاچال ئېچىلىش نۇتىقىدا، ئىنسانلار پەن – تېخنىكىنىڭ قۇلىغا ئايلانغان ھازىرقى دەۋردە، مەھمۇد كاشغەرى تەرىپىدىن 1072 – 1074 – يىللىرى ئارىسىدا يېزىلغان ۋە تۈرك تىلىنىڭ تۇنجى ئەرەبچە لۇغىتى بولغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ھەققىگە لايىق قەدىرلەنمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور زەمىرە غۇلجالى، «دىۋانۇل لۇغاتىت تۈركنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئەھمىيىتى» تېمىلىق لېكسىيەسىنى سۇندى. ئۇ لېكسىيەسىدە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بۇ قىممەتلىك ئەسىرىنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشقا باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتايدا تۈركىي تىللار دىۋانىنى تەرجىمە قىلىش خىزمەتلىرى 20 – ئەسىردە باشلاندى. 1980 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرى، تاكى زامانىۋىي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى بۇ شاھ ئەسەردىن خەۋەرسىز ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مەقبىرىسىمۇ تۇنجى قېتىم 1987 – يىلى رېمۇنت قىلىندى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇ ئەتراپتا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ئۆز ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ مەقبىرىنى ئىككى قېتىم رېمۇنت قىلغا ئىدى» دېدى. 

دوكتور زەمىرە غۇلجالى، يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ئاتىلىشتا قوش تىل مائارىپى ئەمما ئەمەلىيەتتە بىر تىل مائارىپى سىستېمىسى يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن، مەكتەپ دەرسلىكلىكلىرىگە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مەھمۇد كاشغەرى بىلەن ئوخشاش دەۋردە ياشىغان يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇ بىلىك ناملىق ئەسىرى ھەققىدە ئاز - تولا مەلۇمات قىستۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

يىغىندا چۇكۇرۇۋا ئۇنىۋېرسىتېتى پەن – ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەنگىن چەتىن «11 – ئەسىردە تۈرك خەلقى ۋە دىۋانۇل لۇغاتىت تۈركتىن ئەشيالار دۇنياسى» تېمىلىق لېكسىيەسىنى سۇندى. ئۇ لېكسىيەسىدە، 11 – ئەسىردە تۈركلەرنىڭ قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكى ۋە مەدەنىيەت سيەۋىيەلىرى  ھەققىدە مۇلۇمات بېرىپ، «تۈركىي تىللار دىۋانىدا ئورۇن ئالغان 8000 سۆزلۈكنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى ھازىرمۇ ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن؛ تۈركىي تىللار دىۋانىدا ئۇيۇن ئىىسملىرىمۇ بار. <تەپۈك> دەپ ئاتىلىدىغان ئويۇن چۈشەندۈرۈلۈپ بېرىلگەن مەلۇماتلار تولىمۇ قىزىقارلىق. رەخت پارچىلىرىنى بىر خۇرۇمغا باغلاش ئارقىلىق توپ شەكىللەندۈرىلىدىغانلىقى، ئوغلانلار (يىگىتلەر) بىلەن  بالىلارنىڭ بۇ يۇمىلاق نەرسىنى تېپىپ ئۇينايدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلىدۇ. تېپىش، ئۇرۇش، پۇت بىلەن تېپىپ ئۇرۇش، دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان سۆزلۈكتىن تۈرلەنگەن <تەپۈك> سۆزى ھەققىدە مەھمۇد كاشغەرى ئەپسۇسكى بۇنىڭدىن ئارتۇق مەلۇمات بەرمەيدۇ. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بۇ قىسقىچە مەلۇماتىدىنمۇ <تەپۈك> دېگەن ئۇيۇننىڭ ئەسلىدە پۇتبولنىڭ دەسلەپكى شەكىللىنىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇغلۇق پۇتبولنى تۈركلەر ئىجاد قىلغان دېيەلمەيۋاتىمىز» دېدى. 

دوتسېنت دوكتور ئەنگىن چەتىن يەنە 11 – ئەسىردە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ دەزمال، پەلەي ۋە يېپەك قول ياغلىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدىمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا مۇھىم مەلۇماتلار بارلىقىنى ئېيتتى.

يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پەن –ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى  بۆلىمى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور مەمەت ئۆلمەز «يېڭى بىر تەرجىمە ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر» تېمىسىدا لېكسىيە سۇندى. ئۇ سۆزىدە، تۈرك تىلىدا بارلىق تۈركىي تىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە بىر ماقال - تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر لۇغىتى تۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنىڭ چوڭ بوشلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىمۇ 300 دىن ئارتۇق ماقال - تەمسىل بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ  تېخىمۇ چۈشنۈشلۈك بولسۇن ئۈچۈن بۇ ماقال - تەمسىللەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا ئەڭ قىسقا لەتىپە ئاڭلىتالىغان ئوغۇچىلاردىن 3 كىشىگە ««دىۋانۇل لۇغاتىت تۈرك» ھەدىيە قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر