تارىختىكى بۈگۈن: 15 – دېكابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1545736
تارىختىكى بۈگۈن: 15 – دېكابىر

بۈگۈن 2020 – يىلى، 15 – دېكابىر، سەيشەنبە.

  • 1893 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، «ئورخۇن ئابىدەلىرى» تۇنجى قېتىم ئوقۇلدى. تىلشۇناس ۋە تۇركولوگ ۋىلھېلم لۇدۋىگ تومسېن، دانىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە دوكلات سۇنۇپ، «كۆكتۈرك ئېلىپبەسى» نىڭ سىرىنى يەشكەنلىكىنى ۋە ئابىدەلەرنى ئوقۇغانلىقىنى ئىلىم دۇنياسىغا جاكارلىدى. بۇ ئابىدەلەردىن بىرى، «بىلگە قاغان ئابىدەسى» بولۇپ، ئۇنىڭ شەرق تەرىپىگە مۇنۇلار يېزىلغانىدى: «ئەي تۈرك ئوغۇز بەگلىرى! خەلقنىڭ گېپىگە قۇلاڭ سېلىڭلار.  يۇقىرىدا ئاسمان گۇمران بولمىغۇچە،  تۆۋەندە يەر تېشىلىپ كەتمىگۈچە، سېنىڭ دۆلىتىڭنى، قانۇنلىرىڭنى كىممۇ ۋەيران قىلىپ، بۇزالىسۇن.»

  • 1989 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، رۇمىنىيەدە دىكتاتۇر نىكولاي چاۋۇشېشكۇ ۋە ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئېلېنانىڭ 25 – دېكابىر كۈنى ئېتىۋېتىلىشى بىلەن نەتىجىلىدىغان خەلق قوزغىلىڭى باشلاندى. بىرىنچى كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 115 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

  • 1995 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، ياۋروپا ئەدلىيە مەھكىمىسى، بېلگىيەلىك پۇتبولچى بوسمان سۇنغان ئەرزنامە توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى. تەنتەربىيە دۇنياسىدا «بوسمان پىرىنسىپلىرى» دەپ ئاتالغان قارارغا ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىللىي بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە، باشقا كوماندىغا يۆتكەلگەن پۇتبولچىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقراسى بولۇشى شەرتى بىلەن، چەت ئەللىك پۇتبولچىلار چەكلىمىسى بىكار قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن، پۇتبولچىلارنىڭ توختام مۇددىتى توشقاندا، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق ھەققى تاپشۇرماستىن ئۆزلىرى خالىغان كۇلۇبقا كىرىشىنىڭ يولى ئېچىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر