تارىختىكى بۈگۈن: 30.12.2020

بۈگۈن 2020 - يىلى 30 - دېكابىر - چارشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1554455
تارىختىكى بۈگۈن: 30.12.2020

■ 1517 - يىلى 30 – دېكابىردا ئۈچ ساماۋى دىننىڭ مۇقەددەس جايى ھېسابلىنىدىغان قۇددۇس شەھىرى ياۋۇز سۇلتان سەلىم تەرىپىدىن پەتھى قىلىندى. شۇندىن تارتىپ 1917-يىلىغىچە ئوسمانلى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇرغان قۇددۇستا 400 يىللىق «خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىق» دەۋرى باشلاندى.

 

■ 1916- يىلى 30- دېكابىردا رۇسىيەدە چار پادىشاھ ئائىلىسىنى تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن گرىگورى يېفىموۋىچ راسپۇتىن (Grigori Yefimoviç Rasputin) سائىنت پېتېرسبۇرگدىكى يۇسۇپوۋ (Yusupov) سارىيىدا رۇس ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

 

■ 2006-يىلى 30 - دېكابىردا ئىراق ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، تۇغۇلغان يۇرتى تىكرىت ئەتراپىدا تۇتۇلغان ۋە 142 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان دۇجەيل قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارى دەپ ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ساددام ھۈسەيىن دارغا ئېسىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر