تارىختىكى بۈگۈن 28.12.2020

بۈگۈن 2020 – يىلى 28 - دىكابىر  دۈشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1553221
تارىختىكى بۈگۈن 28.12.2020

تارىختىكى بۈگۈن 28.12.2020

1895 – يىلى 28 – دىكابىردا، لۇمىئېر ئاكا-ئۇكىلارنىڭ «پويىز بىلەن لا كىئوتات بېكىتىگە يېتىپ كېلش، بوۋاقلار ئۇرۇشى ۋە نالىچى» ناملىق تۇنجى فىلىملىرى پارىژدا تۇنجى قېتىم تاماشىبىنلارغا كۆرسىتىلگەن ئىدى. پارىژلىقلار بۇ تۇنجى كىنو فىلىملىرىگە ناھايىتى قىزىققان ئىدى.

 

1908 – يىلى 28 – دىكابىردا سىجىليا ئارىلىدىكى مېسسىنا شەھىرىدە 7.1 بال يەر تەۋرىگەن ئىدى. يەر تەۋرەشتە تەخمىنەن 80 مىڭ كىشى قازا قىلغان ۋە ياۋروپادا شۇ چاغقىچە كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش دەپ خاتىرىلەنگەن ئىدى.

 

2004 – يىلى 28 – دىكابىردا، «ئۆلۈم تونېلى»، «يانار تاغ سۆيۈملۈكۈم» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان ئامېرىكىلىق يازغۇچى سۇسان سونتاگ 68 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر