تارىختىكى بۈگۈن: 10.12.2020

بۈگۈن 2020 - يىلى 10 - دېكابىر - پەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1542896
تارىختىكى بۈگۈن: 10.12.2020

■ 1901 – يىلى  10 – دېكابىردا نوبېل مۇكاپاتلىرى تۇنجى قېتىم بېرىلدى. 5 يىلدا بىر قېتىم بېرىلىدىغان تۇنجى مۇكاپاتلارنى ۋىلھېلم رۆنتگېن، جاكوبۇس ۋانت ھوف ۋە گېرمانىيەلىك مىكروبىيولوگ ئېمىل ۋون بېھرىڭ بىلەن فىرانسىيەلىك شائىر سۇللي پرۇدھوم، قىزىل كرىزىس ھەرىكىتىنى قۇرغان شىۋېيتسارىيەلىك ھېنرى دۇنانت ۋە تىنچلىق بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى فىرانسىيەلىك فرېدېرىك پاسسي ئالدى.

 

■ 1948 – يىلى  10 – دېكابىردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى قوبۇل قىلدى. تۈركىيەمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن خىتابنامە قوبۇل قىلىنغان 10 – دېكابىر كۈنى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بايرىمى» دەپ ئېلان قىلىندى.

 

■ 2006 – يىلى  10 – دېكابىردا 1973 – يىلىدىن تارتىپ 17 يىل بويىچە چىلىنى دىكتاتورا تۈزۈمى بىلەن باشقۇرغان ئاگۇستو پىنوچېت چىلىدا ئۆلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر