تارىختىكى بۈگۈن:07-دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...
يىل 1941، 7-دېكابىر...
ياپونىيە ئامېرىكاغا ھۇجۇم قىلدى. ياپونىيە ئامېرىكانىڭ پېيورىل خاربور پورتىنى تۇيۇقسىز بومباردىمان قىلدى. بومباردىماندا، ئامېرىكانىڭ 19 ھەربىي پاراخوتى سۇغا چۆكتۈرۈۋېتىلدى، 200 ھەربىي ئايروپىلانى پاچاقلاندى ۋە 2 مىڭ 400 ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا ياپونىيە ۋە گېرمانىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا رەسمىي قاتناشتى.
1956-يىلى 7-دېكابىر، تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر كىشىلىرىدىن يازغۇچى رەشات نۇرى گۈلتەكىن 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ «چالىقۇشى» ناملىق داڭلىق رومانى بار.
1988-يىلى 7-دېكابىر، ئەرمېنىيەدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى. 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان يەر تەۋرەشتە، 150 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى، 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆيلىرىدىن ئايرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...