تارىختىكى بۈگۈن: 27 – نويابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1535161
تارىختىكى بۈگۈن: 27 – نويابىر

بۈگۈن 2020 – يىلى، 27 – نويابىر، جۈمە.

  • 1895 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، «3 مەرگەن» ۋە «مونتې كىرىستو ئېسىلزادىسى» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى، فىرانسىيەلىك يازغۇچى ئالېكساندىر دۇماس 71 يېشىدا ۋاپات بولدى.

  • 1942 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە ئارمىيەسى فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسى تۇرۇۋاتقان تولۇن شەھىرىنى ئىشغال قىلدى. فىرانسىيە ماتروسلىرى، نېمىسلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن،   73 پاراخوتتىن تەشكىل تاپقان پاراخوت ئەترىتىنى كۆمتۈرۈپ، يوق قىلدى.

  • 1950 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، كورېيەدە ئۇدا 4 كۈن داۋاملاشقان «كۇنۇرى ئۇرۇشى» باشلاندى. 5 مىڭ كىشىلىك تۈركىيە قىسىملىرى، خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە كۈچلىرى  تەرىپىدىن قورشاۋ ئاستىغا ئېلىنغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 8-ئارمىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي يوق قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە «كۇنۇرى ئۇرۇشى» دا زەپەر قازاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر