تارىختىكى بۈگۈن: 19 – نويابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1530781
تارىختىكى بۈگۈن: 19 – نويابىر

بۈگۈن 2020 – يىلى، 19 – نويابىر، پەيشەنبە.

  • 1923 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىقتىسادىي كىرىزىسكە دۇچ كەلگەن گېرمانىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بولدى.  گېرمان ماركىنىڭ قىممىتى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىپ، بىر ئامېرىكا دوللىرى 4.2 تىرىليون گېرمان ماركى بولدى.

  • 1967 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، قىبرىستا ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن كېيىن، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ھۆكۈمەتكە چەت ئەلگە ئەسكەر ئەۋەتىش ھوقۇقى بەردى. ئارقىدىنلا، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە، ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييار ھالەتتە تۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى، ئەنقەرەدىكى 28-دىۋىزىيە ئىسكەندەرۇنغا قاراپ يولغا چىقتى.

  • 1984 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، ئەرمەن تېرورچىلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋيېنادىكى ئىشخانىسىدا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان تۈرك دىپلومات ئەنۋەر ئەرگۇننى شېھىت قىلدى.

  • 2005 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، ئىراقنىڭ ئىشغال قىلىنىشىدىن كېيىن، بىر گۇرۇپپا ئامېرىكا ئەسكىرى، ھادىسە يېزىسىدا 24 ئايال ۋە بالىنى قەتل قىلدى. ۋەقەدىن كېيىن، 4 ئەسكەر ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، بىراق، سوتقا تارتىلماستىن، ھەممىسى ئاقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر