تارىختىكى بۈگۈن 18.11.2020

بۈگۈن 2020 – يىلى 18 - نويابىر  چارشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1529788
تارىختىكى بۈگۈن 18.11.2020

تارىختىكى بۈگۈن 18.11.2020

 

1865 – يىلى 18 - نويابىردا، ھەقىقىي ئىسمى سامۇئىل لاڭخورنې كلېمېنس بولغان ئامېرىكالىق يازغۇچى مارك تۋىننىڭ «كالاۋېرانىڭ داڭلىق سەكرەيدىغان پاقىسى» ناملىق تۇنجى ھېكايىسى ئېلان قىلىندى. ئاپتورنى دۇنياغا تونۇتقىنى بولسا، ئۇنىڭ «توم ساۋيېر ۋە خاكلېبېرنىي فىن» ناملىق ئەسىرى ئىدى.

 

1967 – يىلى 18 – نويابىردا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە، ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسملىرىنىڭ كونتىروللۇقىدىكى  ئەرەنكۆيگە گرېتسىيە شايكىلىرى قوراللىق ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە مۇجاھىدلىرى بىلەن گرېتسىيە شايكىلىرى ئوتتۇرىسىدا 7 سائەتلىك توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى.  تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۆۋەن ئۇچۇش ئارقىلىق ۋەقەگە مۇداخىلە قىلغان ئىدى.

 

2017 – يىلى 18 - نويابىردا،   ئولىمپىك ۋە دۇنيا چېمپىيونى نايىم سۇلەيمانئوغلۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىش جەريانىدا ۋاپات بولدى. 1988-يىلى سېئۇل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 9، دۇنيا ۋە 6 ئولىمپىك رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان نائىم سۇلەيمانئوغلۇ تەنھەرىكەت دۇنياسىدا ئەپسانىۋىيلەشكەن شەخسلەردىن بىرسىگە ئايلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر