تارىختىكى بۈگۈن: 14 – نويابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1527780
تارىختىكى بۈگۈن: 14 – نويابىر

بۈگۈن 2020 – يىلى، 14 – نويابىر، شەنبە.

  • 1889 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، «‹New York World› گېزىتى» نىڭ خىزمەتچىسى نېللىي بىلى، 40 مىڭ 71 كىلومېتىر  داۋالىشىدىغان دۇنيا ساياھىتىنى باشلىدى. بىلى، ساياھىتىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولغان «سەكسەن كۈندە دۇنيانى ئايلىنىش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى جۇلىس ۋېرنې بىلەنمۇ ساياھىتى جەريانىدا تونۇشتى.

  • 1914 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، فۇئات ئۇزكىناي، تۇنجى تۈركىيە فىلىمى ھېسابلىنىدىغان «ئاياستەفانوستىكى رۇس ئابىدەسىنىڭ يىقىلىشى» ناملىق فىلىمنى ئىشلىدى. ئابىدە، 1877-1878-يىللىرىدىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى – رۇسىيە ئۇرۇشىدا ئۆلگەن رۇس ئەسكەرلەرنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ياسالغانىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ رۇسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، ئابىدەنى چېقىش قارار قىلىندى.

  • 1944 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، ئاھىسكا تۈركلىرى ستالىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاممىۋى ھالدا سۈرگۈن قىلىندى. ئاھىسكا تۈركلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تېرروتېرىيەسى ئىچىدىكى 13 رايونغا تارقىتىۋېتىلدى. سۈرگۈنگە قارشى تىركەشكەن تەخمىنەن 24 مىڭ ئاھىسكا تۈركى ئۆلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر