تارىختىكى بۈگۈن: 12.11.2020

بۈگۈن 2020 - يىلى 12 - نويابىر - پەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1526644
تارىختىكى بۈگۈن: 12.11.2020

■ 1900 – يىلى  12 – نويابىردا خەلقئارالىق پارىژ كۆرگەزمىسىدە زىيارەتچى رېكورتى بۇزۇلدى. 50 مىليونغا يېقىن ئادەم ئېكسكۇرسىيە قىلغان كۆرگەزمىگە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 76 مىڭدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقارغۇچى قاتناشتى. كىنو فىلىملىرى ۋە لىفىتلار زىيارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.

 

■  1969 – يىلى  12 – نويابىردا  ئامېرىكىلىق پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ژۇرنالىست سېيمور ھېرش ۋىيېتنامدىكى ماي لائى قەتلىئامىنى دەلىللەپ چىقتى؛ قەتلىئامدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 گە يېقىن پۇقرانى ئۆلتۈرگەنىدى.

 

■ 1998 – يىلى  12 – نويابىردا  تۈركىيەنىڭ ئۇدا ئىز قوغلىشى نەتىجىسىدە رۇسىيەدىن ئىتالىيەگە قاچقان تېررورچىلار كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجالان روما ئايرودۇرۇمىدا يالغان پاسپورت بىلەن قولغا چۈشۈرۈلدى.

 

■ 1999 – يىلى  12 – نويابىردا  17 – ئاۋغۇست يەر تەۋرەش ۋەقەسىنىڭ جاراھەتلىرىگە مەلھەم سۈركەشكە تىرىشىۋتقان تۈركىيە، بولۇ، دۈزجە ۋە قايناشلىدا يۈز بەرگەن 7.2 بال يەر تەۋرەش بىلەن يەنە بىر قېتىم زىلزىلىگە كەلدى؛ يەر تەۋرەشتە 15 مىڭدىن ئارتۇق بىنا گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى، 845 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى ۋە 4948 ئادەم يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر