تارىختىكى بۈگۈن: 10.11.2020

بۈگۈن 2020 - يىلى 10 - نويابىر - سەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1524996
تارىختىكى بۈگۈن: 10.11.2020

■ 1938 – يىلى  10 – نويابىردا  تۈرك ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ باشلامچىسى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا كەمال ئاتاتۈك، سائەت 09 دىن 05 مىنۇت ئۆتكەندە دولماباھچە سارىيىدا 57 – يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. تۈركىيەدە مىللىي ماتەم ئېلان قىلىندى. 16 – نويابىردا ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ تاۋۇتى تۈركىيە بايرىقى يېپىلغان ھالەتتە بىر ئۈستەلگە قويۇلۇپ، دولماباھچە سارىيىدىكى چوڭ مۇراسىم زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشنى خالىغان خەلق دولماباھچە سارىيىغا قاراپ سەل بولۇپ ئاقتى.

 

■ 1953 – يىلى  10 – نويابىردا  ۋاپاتىدىن دەل 15 يىل ئۆتكەن كۈندە ئاتاتۈركنىڭ جەسىتى ئەنقەرەدىكى قۇرۇلۇشى 9 يىل داۋاملاشقان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا يۆتكەلدى. مۇراسىمغا جۇمھۇر رەئىس جەلال بايار بىلەن بىرلىكتە ئون مىڭلارچە تۈركىيە پۇقراسى قاتناشتى. ھەشەمەتلىك مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن چەت ئەللەردىنمۇ كۆپ ساندا دۆلەت ئەربابى ئەنقەرەگە كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر