تارىختىكى بۈگۈن: 6 – نويابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...
1522939
بۈگۈن 2020 – يىلى، 6 – نويابىر، جۈمە.
- 1860 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، ئابراھام لىنكولىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 16- پىرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى. ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشىدا قۇللۇق تۈزۈمنى قوللايدىغان جەنۇبىي ئىشتاتلارغا قارشى زەپەر قازىىنىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان لىنكولىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قۇللۇق تۈزۈمنىمۇ چەكلىدى.
- 1893 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنياغا داڭلىق ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان رۇس كومپوزىتور پېتېر ئىلىچ چايكوۋىسكىي، ساينت پېتېرسبۇرگدا 53 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
- 1985 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كولۇمبىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ئۇنسۇرلار پايتەخت بوگوتادىكى ئەدلىيە سارىيىغا ھۇجۇم قىلدى. دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قوراللىق ئۇنسۇرلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، 11 ى يۇقىرى دەرىجىلىك سوتچى بولۇپ، جەمئىي 115 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...