تارىختىكى بۈگۈن: 31 – ئۆكتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1519245
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – ئۆكتەبىر

بۈگۈن 2020 – يىلى، 31 – ئۆكتەبىر شەنبە.

  • 1517 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مارتىن لۇتېر، 95 پارچە ماقالىسىنى ۋىتېنبېرگدىكى چېركاۋنىڭ ئىشىكىگە ئېسىپ، ۋاتىكاننىڭ كۈچىگە قارشى ئىسيان كۆتۈردى، ھەمدە  پىروتېستانت دىنىغا كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  • 1831 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى چېگرالىرى ئىچىدە تۇنجى تۈركچە گېزىت «تەقۋىمى ۋەقايى» نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ گېزىت، كېيىنچە رەسمىي ئېلانلار ئورۇن ئالغانلىقى سەۋەبىدىن، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ رەسمىي گېزىتىگە ئايلاندى.

  • 1956 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مىسىر پىرېزىدېنتى ناسىر دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، پاراخوتلارنىڭ ئۆتۈشىگە تاقىغان «سۇۋەيش قانىلى»، مىسىر بىلەن ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا كىرىزىسكە يول ئاچتى. ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە قانالنىڭ تەكرار ئېچىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مىسىرغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

  • 1984 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھىندىستاننىڭ بىردىنبىر ئايال باش مىنىستىرى ئىندرا گاندى، ئىككى سىخ قوغدىغۇچىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. سۇيىقەستتىن كېيىن ھىندىلار، سىخ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە، 2 مىڭ سىخ ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر